ھەمبەھىرلەش:
مىللەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو تەپەككۇرىنى نامايەن قىلايلى

تىل ئۆگىنىش بىر قەدەر مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كىتاب – ماتېرىياللارغا تايىنىپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، كۇرسقا قاتنىشىپ، مۇئەللىملەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆگىنىش، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ. كىتابتىن ئۆگىنىشنى تاللىغاندا، ئىنگلىز تىلىنى ئاسانلا خاتا ئۆگىنىپ قېلىش، تۆلەيدىغان بەدەل كۆپ بولۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەنگۈسى بولسىمۇ، ئەمما يېشىنىڭ چوڭىيىپ كەتكەنلىكى، خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ توغرا كەلمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆگىنىشكە ئىمكانىيەت يارىتالمايدۇ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىش ئىقتىساد، ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئىنتېرنېتتا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش يۇقىرىدىكى چەكلىمىلىكلەرنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، سىز پەقەت بەلگىلىك ۋاقىت ئاجىرتىپ، ئىخلاس قىلسىڭىزلا ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. شۇ سەۋەبتىن قانىلىمىز ئابونىتلارنىڭ توردا تىل ئۆگىنىشتىكى كۈچلۈك ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىنگلىز تىلى ئۇچۇق دەرسنى تەسىس قىلدۇق. بۇ پروگرامما قانىلىمىزنىڭ دوكتور دولقۇن قادىر رىياسەتچىلىكىدىكى «تەپەككۇر» پروگراممىسىدىن كېيىنكى يەنە بىر كوزۇر پروگراممىسى ھېسابلىنىدۇ.
دىلـمۇرات مۇئەللىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
دىلـمۇرات مۇتەللىپ،2001 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپىيوتىر فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2006 ـ يىلى تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن. بۇ مەزگىلدە ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 2010 ـ يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاممىۋى باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى پۈتتۈرۈپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە بايلىقى نازارىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق شىنجاڭ پەن-مائارىپ كەسپى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 ـ كەسپى ئىقتىدارنى باھالاپ بېكىتىش پونكىتىنىڭ باشلىقى، دىلـمۇرات مۇئەللىم ئىزچىل تۈردە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ سىئاتىل ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋىرسىتىنىڭ دوكتۇرى دەررېن بايلىر ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان 60 پارچىدىن تەرجىمە ئەسىرى ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. يېقىندا ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ھەققىدىكى ئىككى پارچە كىتابىنىڭ 6 يۈرۈش پىلاستىنكىسى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىدا نەشرگە تەييارلاندى.