ھەمبەھىرلەش:
مىللەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو تەپەككۇرىنى نامايەن قىلايلى

«تەپەككۇر» پروگراممىسى جۇڭگو ئۇيغۇر تور تېلېۋىزىيەسى ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى دولقۇن قادىرنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىگەن يېڭى شەكىلدىكى تور تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدۇر. «تەپەككۇر» پروگراممىسىنىڭ بىر يىللىق مۇZھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو تور تېلېۋىزىيەسى «تەپەككۇر» پروگراممىسىنىڭ بىر يىللىق خۇلاسە پائالىيىتى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇھاكىمە يىغىنىغا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، تونۇلغان يازغۇچى ۋاڭ مېڭ ئەپەندى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، جۇڭگو ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر مۇتەخەسىس ۋە خىزمەتچىلەردىن بولۇپ 170 تىن ئارتۇق كىشى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى جۇڭگو تور تېلېۋىزىيەسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تەپەككۇر» پروگراممىسى تارقىتىلدى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، دوكتور دولقۇن قادىر بۇ پروگراممىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىندى، پىروگرامما ھېكايە بايان قىلىش بىلەن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى يىتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەردى. كۆزنەك يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، بۇ پىروگرامما شەكلىنىڭ يېڭىلىقى، مەزمۇنىنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن خەلقنىڭ ئالقشىغا سازاۋەر بولدى، شۇنداقلا ئاۋىستىرالىيە، ياپونىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئىشتىراكچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.

ئەڭ يېڭى سانلار